
مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاساسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەن. ھازىر، ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇش-داۋالاش مىقدارىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىياگنوز قويۇش-داۋالاش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %50 تىن يۇقىرى بولۇپ، %90 تىن ئارتۇق ئاھالە 15 مىنۇت ئىچىدە ئەڭ يېقىن داۋالاش مۇلازىمەت نۇقتىسىغا يېتىپ بارالايدىكەن.
دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئاساسىي قاتلام مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جياۋ ياخۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: مەملىكەت بويىچە ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى 1 مىليون 40 مىڭغا يېتىپ، يېزا رايونلىرىدىكى ھەربىر يېزا-بازاردا شىپاخانا بولۇش، ھەربىر مەمۇرىي كەنتتە كەنت شىپاخانىسى بولۇش، شەھەرنىڭ ھەربىر كوچىسىدا مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، ھەربىر مەھەللىدە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى بار بولۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ