
گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى ۋاڭ كې، خەن شىن، لى يانەن
رەئىس شى جىنپىڭ 2026 ـ يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: «مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، «شەھەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى» «كەنتلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى» ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، قار-مۇز تەنھەرىكىتى قىشتىكى قايناق ھېسسىياتنى ئۇرغۇتتى. ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تېخىمۇ شانلىق نۇر چاچتى.»
يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يېڭى مەنزىرە، يېڭى يارقىن نۇقتىلار مول، ئېسىل بولدى، مەدەنىيەت ـ ساياھەتنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجى سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، ھەرىكەتچان جۇڭگو ھاياتىي كۈچكە تولدى، يېڭى يىللىق ئىستېمالدا «تۇنجى ئىشنى ياخشى باشلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى نامايان قىلىندى.
كەسىپ ھالىتى يېڭىلىنىپ، بازار كۆپ نۇقتىدا گۈللەندى
يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىققان سودا يېڭى ۋاسىتىسى ۋە داڭلىق ماركىلارنىڭ تۇنجى دۇكىنى، تۇنجى كۆرگەزمىسى بازارغا يېڭى جەلپ قىلىش كۈچى قوشتى.
بېيجىڭدا، تۇڭجوۋ رايونىغا جايلاشقان ۋەنلى · ۋاڭفۇجىڭ WellTown ئۆزگىچە قۇرۇلۇش لايىھەسى ۋە 100 دىن ئارتۇق تۇنجى دۇكان، خاس دۇكانغا تايىنىپ، يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە 675 مىڭ ئادەم قېتىم خېرىدارنى جەلپ قىلدى؛ جۇڭگۇەنسۈن ARTPARK چوڭ يۇغۇرما شەھەر شەرقىي رايونىغا نۇرغۇن مودا ماركىلارنىڭ تۇنجى دۇكىنى ماكانلاشتى، يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى سېتىش سوممىسى 21 مىليون يۈەندىن ئاشتى.
بېيجىڭ شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇقتىلىق كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن كارخانىلارنىڭ جەمئىي سېتىش سوممىسى 4 مىليارد 40 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.3 ئاشقان؛ بېيجىڭ شەھىرىدىكى 60 نۇقتىلىق سودا چەمبىرىكىدە خېرىدار ئېقىمى 28 مىليون 226 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، سېتىش سوممىسى 8 مىليارد 460 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى چوڭ سودا چەمبىرەكلىرى جانلىنىپ، ئىستېمال يېڭى مەنزىرىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى كۆپ نۇقتىدا گۈللەندى.
مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرى ھاياتىي كۈچكە تولدى − «رەڭدار نۇرلار قەدىمىي شەھەرنى سېپىلىنى يورۇتتى، ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىكەن.» ساياھەتچى لى جيا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شەنشى شىئەن شەھەر سېپىلىدىكى پانۇس سەيلىسىنى ماختىدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، «شىئەن شەھەر سېپىلى. بېيلىن تارىخىي مەدەنىيەت مەنزىرە رايونى»نىڭ ئىشىك بېلىتىنى زاكاز قىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %134 ئاشقان، «شىئەن شەھەر سېپىلىنى بېزەش»، «شىئەن شەھەر سېپىلى ئەتراپىدىكى مەززىلىك تائاملار» قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك، ياتاق، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىستېمال سۆزلىرىنى ئىزدەش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
كىنو بېلەت كىرىمىنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى − كىنوخانىلاردا قويۇلىدىغان كىنولارنىڭ تۈرى مول، تېمىسى كۆپ خىل بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان كۆرۈرمەنلەرنىڭ كىنو كۆرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. تور سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 1-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە، يېڭى يىللىق بېلەت كىرىمى 700 مىليون يۈەندىن ئاشقان.
يېمەك-ئىچمەك، ياتاق زاكاز قىلىش قىزىپ كەتتى − يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يېمەك-ئىچمەك بازىرى جانلىنىپ، نۇرغۇن جايلاردا خېرىدارلار ئېقىمى يۇقىرى پەللىگە چىقتى. خۇنەن چاڭشادىكى «1-ماي» سودا چەمبىرىكىدە، نۇرغۇن يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرى خېرىدارلار ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن تىجارەت ۋاقتىنى ئۇزارتتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاۋات شەھەرلەردىكى پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.6 ھەسسە ئاشقان، ئاۋات مەنزىرە رايونلىرى ئەتراپىدىكى قونالغۇغا بولغان ئېھتىياج تېز ئاشقان.
قولايلىق كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى، سەپەرگە چىقىش قىزغىنلىقى ئاشتى
يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى «چوڭ سىناق»نى كۈتۈۋالدى. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جاڭ سۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى كورلىدىكى ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىگە قايتىشىمغا ئاز دېگەندىمۇ يەتتە سائەت كېتەتتى. ھازىر تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدىن ئۆتسەكلا، ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا يېتىپ بارالايمىز.» سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى يىللىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى ئىككى كۈنىدە، ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئاپتوموبىل ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالغان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھولوگرافىيەلىك تونېل قاتارلىقلارغا تايىنىپ ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش ھالىتىگە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش ئارقىلىق، پۈتۈن يول بۆلىكىدە قاتناشنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، ئۇچۇر يېتەكلەش ئۈسكۈنىلىرىنى بىرلىشىپ كونترول قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى.»
قاتناش ـ تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىغان خادىملارنىڭ يۆتكىلىش مىقدارىنىڭ 590 مىليون ئادەم قېتىم بولۇشى مۆلچەرلەنگەن، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 198 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 19.5 ئاشقان. شەكىلگە ئايرىپ قارىغاندا، تۆمۈريولنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ 48 مىليون 223 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.1 ئاشقان. تاشيولنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ 540 مىليون ئادەم قېتىم بولۇشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.5 ئاشقان. سۇ يولىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ 2 مىليون 290 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.3 ئاشقان. خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ 5 مىليون 881 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.49 ئاشقان.
دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋادىن ئىبارەت كۆپ خىل شەكىل بىرىكتۈرۈلۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى راۋان، تېز جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ئۆيگە قايتىش يولى تۇتاشتۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە ئىستېمال يېڭى بوشلۇقى كېڭەيتىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.
قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش، ئارىشاڭغا چۈشۈش، ئۆزگىچە تائاملارنى تېتىش. ..1-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئەنخۇي شۈەنچېڭدىن كەلگەن جاڭ چۈەنشېڭ ئائىلىسىدىكىلەر گاۋتىيېغا ئولتۇرۇپ جېجياڭنىڭ يۈياۋ بېكىتىگە يېتىپ كېلىپ، ئارقىدىنلا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئۇدۇل سىمىڭشەنگە قاراپ ماڭدى. «ھازىر توك قاچىلاشتىن غەم قىلمايمىز، ئاپتوموبىلنى ئىجارىگە ئېلىپ ئۆزىمىز ھەيدىسەك خاتىرجەم بولىمىز ھەم قولايلىق.» دۆلەت ئېلېكتىر تورى سىمىڭشەن بازىرىدىكى توك قاچىلاش پونكىتىغا بېرىپ، ئاپتوموبىلغا توك قاچىلىدۇق، بىر ئائىلە كىشىلىرى بازار ئېغىزىدا سەيلە قىلىپ، سۈرەتتەك تاغ چوققىلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇق.
دىدى شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تاكسىغا ئولتۇرۇش ئېھتىياجى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31 ئاشقان، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى، يېمەك-ئىچمەك مەيدان-سورۇنلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى سودا چەمبىرەكلىرىگە بېرىشتىكى تاكسىغا ئولتۇرۇش ئېھتىياجى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %63، %53 ۋە %48 ئاشقان. دىدى ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش شىركىتىنىڭ ئالدىن زاكاز قىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %243 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن يېرىم خېرىدار ئىككى كۈندىن تۆت كۈنگىچە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەر قىلىشنى پىلانلىغان.
خەينەن ئەركىن سودا پورتى پۈتۈن ئارال بويىچە تاموژنىنى يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرگەندىن كېيىنكى تۇنجى قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە، سەپەرگە چىقىش بازىرى قىزىپ كەتتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى ئىككى كۈنىدە، چيۇڭجوۋ دېڭىز بوغۇزى پاراخوت تىرانسپورتىدا دېڭىزدىن ئۆتكەن يولۇچى جەمئىي 106 مىڭ 400 ئادەم قېتىم، 28 مىڭ 600 ئاپتوموبىل قېتىم بىخەتەر توشۇلغان، يولۇچى مىقدارى ۋە ئاپتوموبىل ئېقىم مىقدارى 2025-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %25.9 ۋە %6.1 ئاشقان.
دېڭىز ئىشلىرى تارماقلىرى ئاقىل دېڭىز ئىشلىرى سۇپىسىغا تايىنىپ، نۇقتىلىق پاراخوتلارغا قارىتا «بىرگە بىر» پۈتۈن مۇساپىلىك ھەرىكەتچان نازارەت قىلىش-تىزگىنلەشنى يولغا قويدى، دەم ئېلىش مەزگىلىدە جەمئىي 517 پارچە بىخەتەرلىك ئۇچۇرى تارقىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، دېڭىز بوغۇزىنىڭ يولۇچى، يۈك توشۇش ئېقىم مىقدارى ئېشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، «خەتەر يۈز بەرمەسلىك، ھادىسە يۈز بەرمەسلىك» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.
كاپالەت كۈچلۈك بولدى، ئىستېمال تۇيغۇسى ئاشتى
1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 10دىن ئاشقاندا، سىچۈەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرى پىدۇ رايونى تاڭچاڭ بازىرى دايۈن كەنتىدىكى خۇاڭ ئەپەندى جىڭدۇڭدا زاكاز قىلغان دۆلەت تولۇقلىما مەھسۇلاتىنى ئوڭۇشلۇق تاپشۇرۇۋالدى، بۇ، جىڭدۇڭنىڭ بۇ يىل يېزا-كەنتلەرگە يەتكۈزگەن تۇنجى دۆلەت تولۇقلىما زاكاز تالونى.
بۇ يىل مەركەز داۋاملىق پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ھەرقايسى جايلار نىسبەت بويىچەيانداش مەبلەغئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنىيېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى قوللاپ،ئەمەلىي ئېتىبارلارنى ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشنىئىلگىرى سۈرىدۇ. يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تېخىمۇ كۆپ يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلار پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كىرىپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەرھىرى نەنشەن رايونىدىكى بىر سودا سارىيىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۇكاننىڭ خېرىدارلار ئېقىمى ۋە سېتىش مىقدارى تېز ئاشتى، «پەقەت ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرىدىلا، يېڭى يىلدا بىر كۈنلۈك سېتىش سوممىسى ئالدىنقى ھەپتىدىكى پۈتۈن ھەپتىلىك سېتىش سوممىسى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشتى.»
يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قار ـ مۇز قاتارلىق باش تېمىلارنى چۆرىدەپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. 1-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچقۇرۇن، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنىڭ شەھىرى رېنچېڭ رايونى «قانال ئەسلىمىلىرى» تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىدا، ئىككى قىرغاقتىكى چىراغلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يورۇشىغا ئەگىشىپ، «قانال مۇزىكا كېچىلىكى» قالتىس ئورۇنلاندى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ماھارەت كۆرسىتىش كېچىلىكى كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى. شۇ جاي «كېچىلىك ساياھەت، كېچىلىك زىياپەت، كېچىلىك مال سېتىۋېلىش،كېچىلىك كۆڭۈل ئېچىش، كېچىلىك ئويۇن قويۇش»تىن ئىبارەت توپلاشقان ئىستېمال رايونى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى ئىستېمال قىلىشقا جەلپ قىلدى.
ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش «دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، جۇڭگودىكى قولايلىق دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، چېگرادىن ئايرىلىدىغاندا باج قايتۇرۇش سىياسىتى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. ..يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر جۇڭگوغا كەلدى. چۈنار ساياھەت شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جۇڭگو پاسپورتىدىن باشقا پاسپورت ئىشلەتكەن ساياھەتچىلەر دۆلەت ئىچىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان مەنزىلىنى ئالدىن زاكاز قىلغان شەھەر 97نى قاپلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە خەينەن سەنيادا چېگرادىن كىرىش ئايروپىلان بېلىتى مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بەش ھەسسە ئاشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ