سېسترا ئوغۇل دوستىنى دوختۇرخانىنىڭ دورا تەڭشەش ئۆيىگە ئېلىپ كىردى؟ چىڭداۋ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: خىزمەتتىن توختىتىپ بىر تەرەپ قىلىندى

2026.01.04 15:54 مەنبە: خەلق تورى

توردا تارقالغان «چىڭداۋدىكى مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ سېستراسى ئوغۇل دوستىنى دوختۇرخانىنىڭ دورا تەييارلاش ئۆيىگە ئېلىپ كىردى» دېگەن ئىشقا قارىتا، چىڭداۋ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئورگان تورىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ بىرىنچى بولۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋەقەگە چېتىشلىق سېسترانىڭ چىڭداۋ شېڭدې مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكى، نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلدە خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوغۇل دوستىنى ئۆز مەيلىچە دوختۇرخانىنىڭ ئىچكى 2-بۆلۈمىنىڭ كېسەلخانا رايونىغا ئېلىپ كىرىپ ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملەشكەنلىكى ئېنىقلاندى. نۆۋەتتە، دوختۇرخانا بۇ سېسترانى خىزمىتىدىن توختىتىپ بىر تەرەپ قىلدى. چىڭداۋ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى تەكشۈرۈشكە كىرىشتى، كېيىن تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ۋەقەگە چېتىشلىق دوختۇرخانا ۋە خادىملارنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.

چىڭداۋ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش بىخەتەرلىكنىڭ بىمارلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۆۋەن چېكى ئىكەنلىكىنى، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى بىخەتەر، ئىشەنچلىك داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ