يېڭى يىللىق شىچۈ تىياتىرى كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

​شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى ھەم كۆردى

2025.12.31 14:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 2026 - يىلى يېڭى يىللىق شىچۈ تىياتىرى كېچىلىكى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆرۈپ، يېڭى يىلنىڭ يېتىپ كېلىشىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋالدى.

دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسى كېچە مەنزىرىسىدە رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىپ، تىياتىرخانا ئىچى ئىللىقلىققا چۆمگەنىدى. سائەت 19دىن 45 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كېچىلىك نەق مەيدانىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ناخشا - مۇزىكىنىڭ يېقىملىق كۈيى ئارقىلىق يېڭى يىل كۈتۈۋېلىندى، شىچۈ تىياتىرى ساداسى ياڭراپ، گۈزەل يىللارغا مەدھىيە ئوقۇلدى. شادىيانە، جۇشقۇن چالغۇلار بىلەن ئورۇنلانغان «پىخۇاڭنىڭ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىشى» ناملىق مۇزىكىغا ئەگىشىپ كېچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. «جىڭجۈ تىياتىرىنى يېڭى چولپانلار بىرلىكتە ئورۇنلاش» سۇدەك راۋان ئورۇنلىنىپ، بالىلار نومۇرى «باھاردا تورغايلار جىلغىدىن ئۇچۇپ چىقتى» ئەستايىدىل ئورۇنلىنىپ شىچۈ تىياتىرى سەنئىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىغانلىقى، ئۇنىڭغا تەرتىپلىك ۋارىسلىق قىلىنغانلىقىدىن ئىبارەت خۇشاللىنارلىق مەنزىرە نامايان قىلىندى. كۇنچۈ تىياتىرى «جياڭجوۋدىن ھاراق يەتكۈزۈش»تىن ئارىيەدە قەدىمىي تىياتىر تۈرىنىڭ مەپتۇن قىلىش كۈچى ۋە نەپىسلىكى قايتا نامايان قىلىندى. كۆرۈنۈشلۈك ئويۇن «شىچۈ تىياتىرى ئىشىك ئالدىمىزدا ئوينالدى» ۋە چۇجۈ تىياتىرى «تيەن گېڭنيۇۋنىڭ تەرجىمىھالى»دىن ئارىيەلەرنىڭ ھەرقايسىسى خاسلىققا ئىگە بولۇپ، يەرلىك شىچۈ تىياتىرى تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ئېكولوگىيەسى ۋە ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى. «جىڭجۈ تىياتىرىدىن كىلاسسىك ئارىيە»دە، «شەھەرنى قۇرۇق قالدۇرۇش تەدبىرى» «شىشى» «چىبى جېڭى» قاتارلىقلار كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان بولۇپ، دۆلەت مەدەنىيەت جەۋھىرى بولغان سەنئەتنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى. ھازىرقى زامان جىڭجۈ تىياتىرى «قىزىل چىراغ خاتىرىسى»دىن ئارىيەدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا باتۇرلۇق بىلەن قارشى تۇرغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئوبرازى جانلىق سۈرەتلەندى. چامباشچىلىق تىياتىرى «يەنداڭشەن تېغى»دىن ئارىيەدە، پۇختا، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بەدەن ماھارىتى ئاساسى ئارقىلىق، جىڭجۈ تىياتىرىنىڭ چامباشچىلىق تىياتىرىدىكى قەيسەرلىك، مەردانىلىك نامايان قىلىندى. ھەيۋەتلىك ۋە مەردانە ئورۇندالغان شىچۈ تىياتىرى ناخشىسى «دۆلەت مەدەنىيەت جەۋھىرى گۈللىنىپ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ» كېچىلىكنىڭ كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت ئورتاق قەلب ساداسىنى ياڭراتتى. سەنئەتكارلارنىڭ ئېسىل نومۇرلىرى پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى.

پۈتۈن كېچىلىكتە ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەر بىرلىكتە كارامىتىنى كۆرسىتىپ، كىلاسسىك تىياتىرلار ۋە يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان نادىر نومۇرلار بىر - بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان تىياتىر تۈرلىرىدە بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىپ، شىچۈ تىياتىرى سەنئىتىنىڭ گۈللىنىپ راۋاجلانغانلىقىدىن ئىبارەت جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ نامايان قىلىنىپ، يېڭى مۇساپىدە داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ دەۋر زەپەر مارشى ياڭرىتىلدى.

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى ئويۇننى كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ