شەخسلەر سېتىۋالغىنىغا ئىككى يىل بولغان ياكى ئىككى يىلدىن ئاشقان تۇرالغۇ ئۆينى ساتسا، قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2025.12.31 14:52 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، ئىككى تارماق شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي سېتىشتا قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش سىياسىتى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى. شەخسلەر (يەككە سودا ـ سانائەتچىلەر ئىچىدىكى ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) سېتىۋالغىنىغا ئىككى يىل بولمىغان تۇرالغۇ ئۆينى سىرتقا ساتسا، %3 باج ئېلىش نىسبىتى بويىچە قوشۇلما قىممەت بېجىنى تولۇق تاپشۇرىدۇ؛ شەخسلەر سېتىۋالغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان (ئىككى يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۇرالغۇ ئۆينى سىرتقا ساتسا، قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

بۇ ئېلان 2026-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (مالىيە-باج (2016) 36-نومۇرلۇق) قوشۇمچە ھۆججەت 3 «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۆتكۈنچى سىياسىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نىڭ 5-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى ماس قەدەمدە ئىجرا قىلىشتىن توختىتىلىدۇ. 2026-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن، شەخسلەر تۇرالغۇ ئۆي سېتىشقا چېتىلىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجىنى تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلمىغان بولسا، بۇ ئېلاندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى مۇشۇ ئۇقتۇرۇش بويىچە ئىجرا قىلىنسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ