
12-ئاينىڭ 30-كۈنى، «2025-يىللىق جۇڭگو ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى دوكلاتى»، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېشىل تاشلىق كىتابى − تېخنىكا يول خەرىتىسى (2025)»نى ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.

«دوكلات»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2024-يىلى، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىق يۇقىرى بېسىمدا ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىققا، ئەلالىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى گېرمانىيە ۋە ياپونىيە بىلەن ئوخشاش بىر ئارىلىقتا تۇرۇپ، ھەرقايسى تارماق تۈرلەرنىڭ سانلىق قىممىتىدە بىردەك مۇسبەت ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دۇنياۋى ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قاتارىغا كىرىپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدىكى «بىرىنچى قەدەمدە مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيەدىن كېيىن دۇنياۋى ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قاتارىغا كىرگەن تۆتىنچى دۆلەتكە ئايلاندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ