
شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بۇيرۇق ئىمزالاپ، 2026-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا 18 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان 261 مىڭ رۇسىيە پۇقراسىنى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە چاقىرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇيرۇقتا يەنە ئەسكەرلىككە ئېلىنغانلارنىڭ ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدىغانلىقى، يەنى 2026-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ۋە 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيدىغان جايغا مەركەزلىك بارىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ