دوختۇرخانىنىڭ ھاۋا تېز يوللانمىسى كەلدى، نۇرغۇن جايدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى بوشلۇقتىكى ھاياتلىق لىنىيەسىنى قوزغاتتى

2025.12.30 14:33 مەنبە: خەلق تورى

داۋالاش ئەۋرىشكىسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا «ئولتۇرۇپ» مەنزىلگە قاراپ ئۇچۇشى «بوشلۇقتىكى ھاياتلىق لىنىيەسى» دەپ تەرىپلەندى. يېقىندا، نۇرغۇن جايلار داۋالاش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان لىنىيەسى ئېچىپ، ھاۋا بوشلۇقىدا جىددىي يەتكۈزۈش يولى بەرپا قىلىپ، يۆتكەپ توشۇش ۋاقتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپرەكىنى قىسقارتتى. جېجياڭ شاۋشىڭدىكى بىر دوختۇرخانا قان ئەۋرىشكىسىنى ئون مىنۇتتىلا توققۇز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نىشان دوختۇرخانا رايونىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، مەھەللىدە دورا يەتكۈزۈش ۋاقتى 15 مىنۇتتىن بەش مىنۇتقا قىسقىراپ، ئۈنۈمى %70 كە يېقىنلاشتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە جەمئىي 300 دىن ئارتۇق داۋالاش ئاپپاراتى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەشيا ئوبوروتىنى كىرگۈزۈپ، 50 نەچچە شەھەرنى قاپلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ