

12 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

12 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى ۋە ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، پارتىيەۋىلىكىنى تەھلىل قىلىپ، تەنقىد قىلىش ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
يىغىندىن ئىلگىرى، ئالاقىدار تەرەپلەر ئەستايىدىل تەييارلىق قىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن سىردىشىپ، سۆھبەتلىشىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، سۆز تېزىسى تەييارلىدى. يىغىندا، ئالدى بىلەن 2025 - يىللىق مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە 2025 - يىللىق شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىر - بىرلەپ سۆز قىلىپ، يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»گە سېلىشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، كەڭ - كۇشادە پىكىر بايان قىلدى، كەيپىيات كەسكىن، جانلىق بولۇپ، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ سۆزى بەش مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتى. بىرىنچى، باشلامچىلىق بىلەن سىياسىي سادىقلىقنى كۈچەيتىش، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ئىككىنچى، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسنى پۇختىلاپ قۇۋۋەت توپلاش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئۈچىنچى، باشلامچىلىق بىلەن خەلقنى ھۆرمەتلەش، تەشكىلنى ھۆرمەتلەش، قانۇن - ئىنتىزامنى ھۆرمەتلەش، تۆتىنچى، باشلامچىلىق بىلەن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، بەشىنچى، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي زىممىگە ئېلىش.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2025 - يىلى ئىنتايىن ئالاھىدە بىر يىل بولدى، دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتى ئېلىپ كەلگەن كەسكىن خىرىس ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، «14 - بەش يىل» پات ئارىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىدۇ. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى، ئەلا بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاندى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى.
مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار بىردەك مۇنداق قارىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. كېلەر يىلى «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى باشلىنىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى ھەرقايسى يولداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش سۆزىگە بىرمۇبىر باھا بېرىپ، بىر - بىرلەپ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ناھايىتى نەتىجىلىك ئېچىلغان بولۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتتى، بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىن باشلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىن قول سېلىپ، «تۆت خاھىش»نى كۈچەپ تۈزىدۇق، نەتىجە كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇ يىل پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا يېڭى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى پولاتتەك قائىدە، قاتتىق ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت خاھىش»تىن ئىبارەت جاھىل ئىللەتنى قىلچە بوشاشماي تۈزەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى ۋە ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى جەھەتتە ياخشى ئۈلگە بولۇپ، چىن ئېتىقاد بىلەن ئىشىنىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، تەلەپچان بولۇش جەھەتتە پۈتۈن پارتىيەگە ياخشى باشلامچى بولۇشى، ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ماركسىزمغا چىن ئېتىقاد بىلەن ئىشىنىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش كوممۇنىستلارنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشتىكى ئاساسى. رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچى ۋە ئۆزى ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي ماركسىزمچىلاردىن بولۇشى كېرەك. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، ئوي - پىكرى ۋە زېھنىنى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك. سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يۆنىلىشنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كوممۇنىستلار ماتېرىيالىزمچى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش زۆرۈر پەزىلەت، جەزمەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوخشاش بولمىغان سادالارغا قۇلاق سېلىشقا دىققەت قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەھۋالنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتنى ئېنىق كۆرۈشى، قانۇنىيەتنى ئىگىلىشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇپ، پۇختا ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەيدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رەھبىرىي كادىرلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئۆز ئورنىدا ئۆز خىزمىتىنى ئويلاپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىشى، قىيىنچىلىقنى زىممىگە ئېلىشى كېرەك. قىيىنچىلىق - زىددىيەت، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرگە توغرا قاراپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى كېرەك. پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، مۇھىم مەسىلىلەردە، پىرىنسىپال مەسىلىلەردە بايراق روشەن بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار جەزمەن كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، باشتىن - ئاخىر خىسلەتنى ساقلىشى، قانائەتچان بولۇشى، ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈشى، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېڭىشىش، تەدبىر بەلگىلەش قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا تۈزۈم، قائىدە بويىچە ئىش بېجىرىشى كېرەك. ئۆزىنى ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇپ، ئۆزىنى پاك تۇتۇپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئەتراپىدىكى ئادەم ۋە ئەتراپىدىكى ئىشلارنى ياخشى باشقۇرۇپ، پاك - دۇرۇس بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ