ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچىسىنىڭ مۇھىم ئەسكەرتىشى: ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئاپتوموبىل توختىتىش مەنئى قىلىنىدۇ!

2025.12.29 16:36 مەنبە: خەلق تورى

12-ئاينىڭ 26-كۈنى، G 0711 ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا، قاتناش ساقچىلىرى بەزىلەرنىڭ ئاپتوموبىلنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش يولىدا خالىغانچە توختىتىپ سۈرەتكە تارتىپ داكا قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بەزىلەرنىڭ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ بىۋاسىتە كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك قىلمىش! بۇنىڭغا قارىتا، ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئاپتوموبىل توختىتىش مەنئى قىلىنىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ