
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - يىغىنىدا 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قارارغا ئاساسەن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى 2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ.
قاراردا تەكلىپ بېرىلگەن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ قارالمىسى تۆۋەندىكىچە: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىش؛ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش؛ 2025 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم 2026 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2026 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش؛ 2025 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2026 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2026 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى (لايىھە)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى (لايىھە)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى (لايىھە)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىش؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىش؛ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىش قاتارلىقلار.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ