مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنى كېلەر يىلى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئېچىش تەكلىپى بېرىلدى

2025.12.29 16:35 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا ئېچىلغان سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 45 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنىدا، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار (لايىھە) قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنى 2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش تەكلىپى بېرىلدى. يىغىندا يەنە 2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2 - كۈنىگىچە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 - يىغىنىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنى ئېچىشقا تەييارلىق كۆرۈش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ