
12-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە: G0711 ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا 12-ئاينىڭ 26-كۈنى قاتناش باشلىنىدىكەن.
ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 324.7 كىلومېتىر بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (غەربىي لىنىيە)نىڭ شىسەن جەنۇبىي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن باشلىنىپ، لوپنۇر ناھىيەسىدە ئاخىرلىشىدۇ، 2020-يىل 4-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كورلا شەھىرىگىچە بولغان ئاپتوموبىللىق قاتناش ۋاقتى ئىلگىرىكى يەتتە سائەتتىن 3.5 سائەتكە قىسقىرايدىكەن.
ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققان شوپۇرلار شىسەن جەنۇبىي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئارقىلىق ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا كىرسە بولىدۇ، كورلىدىن يولغا چىققان شوپۇرلار لىچېڭ شەرقىي ھەق ئېلىش پونكىتى ياكى لىچېڭ جەنۇبىي ھەق ئېلىش پونكىتىدىن كىرسە بولىدۇ.
ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا يۇڭفېڭ مۇلازىمەت رايونى، ئالغۇي مۇلازىمەت رايونى، بالغۇنتاي مۇلازىمەت رايونى، خېجىڭ مۇلازىمەت رايونى ۋە چىگېشىڭ مۇلازىمەت رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شوپۇرلار ۋە يولۇچىلار ئارام ئالسا بولىدۇ.





ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ