14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 57-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئالاقىدار لايىھە ۋە تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

2025.12.25 15:42 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىزنىڭ 12-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (مۇخبىر پېڭ بو) 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 57-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شىن چۇنيىڭ بەرگەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قانۇن دەستۇرى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، بېلىقچىلىق قانۇنىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار بىخەتەرلىكى قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قانۇنىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات، تاشقى سودا قانۇنىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىزاھات لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتتا، ئالاقىدار تەكلىپلەرنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى، لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۇنياۋ بەرگەن قانۇننى ئېنىقلاش خىزمىتى ئەھۋالى ۋە بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دوكلاتنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ چى بەرگەن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سايلام كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنى تولۇقلاشنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى ۋە تەيىنلەش، قالدۇرۇش لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار قارار لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جۈنچېن بەرگەن يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش-قالدۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى يۇقىرىقى تەكلىپلەرنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى، لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى قاتارلىقلارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2026-يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ۋە قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر، تاشقى ئىشلار خىزمىتى پىلانى قاراپ چىقىلدى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، 2025-يىللىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى مەزگىلىدە ۋەكىللەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ