ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2025.12.25 15:42 مەنبە: خەلق تورى

سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 45-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىشكە يېتەكلەپ ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ساھە، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى دىققەتنى تېخىمۇ مۇكەممەل جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 15-يىغىنىنىڭ قارالمىسى (لايىھەسى) ۋە كۈنتەرتىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنى ئېچىشقا ئالاقىدار ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (لايىھەسى) ۋە سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات (لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، يۇقىرىقى لايىھەلەرنى سىياسىي كېڭەشمەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

يىغىندا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جيېيى سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى قىلىپ بېكىتىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2026-يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، كېڭىشىش پىلانى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2025-يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2025-يىللىق تاشقى ئالاقە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2026-يىللىق كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پىلانى ۋە ئالاقىدار ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، يىغىن پائالىيەت پىلانى قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ ئالاقىدار ھۆججەتلەر يازمىچە قاراپ چىقىلدى.

يىغىندا ۋاڭ شىڭخۇەن، جاڭ دۇڭچېن، ساۋ جيەنگو، ليۇ گويۆ، ما جېڭۋۇ، فەن يوۋشەن، زېڭ يى، يۈ پېيگېن قاتارلىقلارنىڭ سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنىدا ئېتىراپ قىلىشقا سۇنۇلدى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن لياڭ جېنيىڭ، جياڭ شىنجى، ياڭ جېن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، جياڭ زوجۈن،خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن،جۇ يۇڭشىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ