ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 14 دۆلەت قوشما بايانات ئېلان قىلدى!

2025.12.25 15:44 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىندا ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يەھۇدىيلار مەھەللىسىنى يېڭىدىن قۇرۇشنى تەستىقلىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ قارارنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھەمدە ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى كېڭەيتىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بىر قوشما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: فىرانسىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، كانادا، دانىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، ئىرېلاندىيە، ئىسلاندىيە، ياپونىيە، مالتا، گوللاندىيە، نورۋېگىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ ۋەكىللىرى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى خەۋپسىزلىك ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئىشغال قىلىۋېلىنغان ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يېڭىدىن 19 ئولتۇراق مەھەللە قۇرۇش قارارىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. باياناتتا يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېيىلدى: «بىز شۇنى قايتا تەكىتلەيمىزكى، بىز ھەرقانداق شەكىلدىكى يۇتۇۋېلىش قىلمىشى ھەمدە مۇقىم ئولتۇراقلىشىش سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئېنىق قارشى تۇرىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ