
12-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو ساياھەت مەنزىرە رايون جەمئىيىتى، شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى «مەنزىرە رايون كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى»نىڭ يوپۇقىنى بىرلىكتە ئاچتى، بۇ بۇ بازىنىڭ شىنجاڭدا ماكانلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىككى تەرەپ يەنە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، مەدەنىيەت-ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەش، ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئالاقىدار كەسىپى تىجارەت باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ كەسىپلىشىش، كەسپىيلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ھازىر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى بايلىق ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتىن تىجارەت ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، باشقۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، كەسىپ ھالىتىنى بىرلەشتۈرۈش يېڭى يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. شىنجاڭدا دۇنيا تەبىئىي مىراس يېرى، دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك بايلىق 40 تىن ئاشىدۇ، 2024-يىلى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 302 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، لېكىن بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان يۇقىرى ساپالىق باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرى يەنىلا يېتەرسىز، بولۇپمۇ ئاقىل تىجارەت، خەلقئارا ماركېتىڭ قاتارلىق ساھەلەردە روشەن كەمتۈكلۈك مەۋجۇت.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ