«يۇقىرىنىڭ سىياسىتىگە ئۇيغۇنلىشىش، تۆۋەندىكى ئاممىغا يېقىنلىشىش» (پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا)

− شەندۇڭ، شەنشى، شىنجاڭ، چىڭخۇا داشۆ كۆپ خىل شەكىلدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى

2025.12.25 15:41 مەنبە: خەلق تورى

«4-ئومۇمىي يىغىن يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى، داۋالىنىش، مائارىپ كاپالەتكە ئىگە بولدى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى شېرىن ئۆتمەكتە!» 12-ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭيىڭ شەھىرى لىجىن ناھىيەسىنىڭ تىڭلو بازىرىدا، بىر مەيدان ئۆزگىچە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

«لاۋگەينىڭ تىڭلو ساداسى» ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشخانىسىدىكى ئارتىسلار يەرلىك شېۋە، يەرلىك تىلدا ئەتراپىدىكى ھېكايىلەرنى ئورۇنلاپ، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى جانلىق ۋەقەلىككە سىڭدۈرۈپ، نەزەرىيە لېكسىيەسىنى ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە قىلدى. «ھېكايىلەرنىڭ ھەر بىر بۆلىكى ھەقىقەتەن قالتىس يېزىلىپتۇ، بۇنى ئاڭلاپ خېلى ئۇزاققىچە خۇشال بولدۇم، نەزەرىيەمۇ ئېسىمدە چىڭ تۇرۇپتۇ!» دېدى كۆرۈرمەن دەي جيەنگو.

جىنىڭ شەھىرىنىڭ رېنچېڭ رايونى جىياڭ كوچىسى ليۇشىڭ مەھەللىسىدە قولۇم-قوشنىلار كىچىك ئورۇندۇقلارنى يۆتكەپ كېلىپ، چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، قويۇق چاي ھىدى ۋە يېقىملىق يۇرت شېۋىسى ئىچىدە «كۆچمە چاي ئۈستىلى» تېمىسىدىكى لېكسىيە يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەھەللە مۇھىتنى ئۆزگەرتىشتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەشكىچە، ئۆي-جاي مۇلازىمىتىدىن مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىشقىچە، ئاھالىلەر ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ، لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولدى.

يېقىندا، شەندۇڭ، شەنشى، شىنجاڭ، چىڭخۇا داشۆ قاتارلىق ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىكى لېكسىيە ئۆمەكلىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چۈشەندۈرۈپ، سىياسەت، نەزەرىيەنى يەرلىك شېۋە، يەرلىك تىلدىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى. لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى «يۇقىرىنىڭ سىياسىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تۆۋەندىكى ئاممىغا يېقىنلىشىپ»، تەسىرلىك، جانلىق يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى، سۆز ئۇسلۇبى ئارقىلىق، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ھەربىر ئاممىنىڭ قەلبىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزدى.

رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن سۆزلەش، پارتىيە كومىتېتى لېكسىيە ئۆمىكى ئۈلگە كۆرسىتىپ سۆزلەش، مۇتەخەسسىس، ئالىملار چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ سۆزلەش، ساھە ۋە ئامما ھەمتۈرتكە بولۇپ سۆزلەش ... ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شەنشى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بايلىق ۋە كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ سەپەرۋەر قىلىپ، قاتلامغا، تۈرگە ئايرىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوبيېكتلاشقان، تۈرگە ئايرىلغان، ھەمتۈرتكىلەشكەن لېكسىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولدى. ھازىرغا قەدەر، ئۆلكە بويىچە 16 مىڭ مەيداندىن ئارتۇق ئومۇمىي يىغىن روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش قانات يايدۇرۇلدى، ئاڭلىغۇچى ئامما 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى.

شەنشىدىكى ھەرقايسى جايلار يەنە يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى، ساھە لېكسىيە قوشۇنى، ياشلار لېكسىيە ئۆمىكى، ئامما لېكسىيە ماركىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل ۋە جانلىق، تەسىرلىك مىساللار ئارقىلىق، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر بىلەن ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى، جانلىق، ئېنىق سۆزلىدى.

باۋجى شەھىرى «ئۇچقۇن لېكسىيە ئۆمىكى»نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ھۈنەرۋەنلەر، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ياش ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، لېكسىيە سۆزلەش شۆبە ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى. تۇڭچۇەن شەھىرى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى، ئەدەبىيات-سەنئەت ھويلىسى، دېھقانلارنىڭ ھويلىسى قاتارلىق بازىلاردىن پايدىلىنىپ، ئەدەبىيات-سەنئەتچى ياشلار، لېكسىيە تايانچلىرىنى ئەدەبىيات-سەنئەت لېكسىيە ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشقا تەشكىللەپ، تور ۋە تور سىرتى لېكسىيەسىنى قانات يايدۇردى. يۈلىن شەھىرى «نەزەرىيەنى ئايلىق سۆزلەش»«كىچىك كەنت چوڭ دەرسخانىسى» قاتارلىق ئاساسىي قاتلام نەزەرىيە لېكسىيە ماركىلىرىغا تايىنىپ، «لېكسىيەنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغالدى. شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى پۇقرالار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكىنى تەشكىللەپ قۇردى، ھازىرغىچە، 24 ناھىيە (شەھەر، رايون) دىكى قىسمەن يېزا-بازار، كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، 15 ئوتتۇرا، ئالىي كەسپىي مەكتەپ، 12 كارخانىدا ئوبيېكتلىرى ئايرىلغان، ھەمتۈرتكىلەشكەن 48 مەيدان لېكسىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى «ئادەتتىكى پۇقرالار ئائىلىلىرىگىچە تېز يەتكۈزدى».

شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى غەربىي قىسىم پىلانىدىكى داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي نۇربىيە راخمان مۇنداق دېدى: «چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، غايە-ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، ئائىلە-دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى كۈندىلىك خىزمەت، ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشلىق كۈچۈم ئارقىلىق دەۋرنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە گۇۋاھچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىمەن.»

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار جەمئىي 33 مىڭ مەيدان لېكسىيەنى قانات يايدۇردى، ئاڭلىغۇچىلار 4 مىليون 234 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

چىڭخۇا داشۆنىڭ دوكتور ئاسپىرانت لېكتورلار ئۆمىكى تەشكىللىگەن باش تېمىلىق پارتىيە كۈنىدە، ياش پارتىيە ئەزالىرى ياشلارنىڭ قانداق قىلىپ پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت تارقىتىش ۋە خەلقئارا ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىش قاتارلىق كۆپ باش تېمىلارنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىغا بولغان چۈشەنچىسىنى ھەمبەھرىلىدى. ساۋاقداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىش كەچۈرمىشى، كەسپىي ساھەسى ۋە رېئال كۆزىتىشىگە بىرلەشتۈرۈپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلدى، كەيپىيات قىزغىن بولدى.

ئومۇمىي يىغىن ئېچىلغاندىن كېيىن، چىڭخۇا داشۆ بىرىنچى ۋاقىتتا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى «ۋەزىيەت ۋە سىياسەت» قاتارلىق ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسخانىلىرى ۋە پۈتۈن مەكتەپتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى مەركەزلىك تەربىيەلەشكە سىڭدۈرۈپ، تۇنجى قېتىم پۈتۈن مەكتەپ دائىرىسىدە مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى خىزمىتى مۇھاكىمە يىغىنىنى قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، مۇتەخەسسىسلەر دوكلات بېرىش، ياشلار لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تولۇق ئۆگىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇردى.

چىڭخۇا داشۆنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار لېكسىيە ئۆمىكى لېكسىيە سۆزلەپ ئادەم تەربىيەلەش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساۋاقداشلارنى ئۆزىنىڭ غايە ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈشكە يېتەكلىدى، يەنە مەكتەپنىڭ شۆيۈەن-فاكولتېتلىرىدىكى شۆبە ئۆمەكلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئالاقىدار پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى مىكرو سىن فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەپ، مەكتەپ سۇپىسىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىشنى پىلانلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ