
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 12-ئاينىڭ 23-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر كورېيە مودا مۇزىكا ئۆمىكى 2026-يىلىنىڭ بېشىدا شياڭگاڭدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدىكەن ھەمدە خۇنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىدە كۆرسىتىدىكەن، جۇڭگو تەرەپ بۇ خەۋەرنى دەلىللىيەلەمدۇ؟ جۇڭگو تەرەپنىڭ كورېيە مودا مۇزىكىسى ۋە ئالاقىدار مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىش پىلانى بارمۇ-يوق؟
لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: مەن سىز دېگەن ئەھۋالنى چۈشەنمەيمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ