يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلدى! ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ گىرام باھاسى تۇنجى قېتىم 1400 يۈەندىن ئاشتى

2025.12.24 15:37 مەنبە: خەلق تورى

خەلقئارا ئالتۇن باھاسىدا ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيانقى ئۆرلەش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، خەلق پۇلى بىلەن باھا ھېسابلىنىدىغان ئالتۇن باھاسىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلدى. 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، مەلۇم داڭلىق ماركىلىق ساپ ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ھەر گىرامىنىڭ باھاسى تۇنجى قېتىم 1400 يۈەننىڭ ئۈستىدە مەلۇم قىلىنغان.

12-ئاينىڭ 23-كۈنى، لوندون نەق ئالتۇن بازىرىدا بىر مەھەل ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 4490 دوللارغا يېقىنلىشىپ، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 4381 دوللارلىق يۇقىرى نۇقتىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭ تەسىرىدە، شاڭخەي ئالتۇن بېرژىسىدىكى نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى بازاردىكى ھەر گىرامىنىڭ باھاسى 1014 يۈەنگە يەتتى، شاڭخەي زاكاز مال بېرژىسىدا بازارغا سېلىنغان ئالتۇن زاكاز مېلىنىڭ ئاساسىي كېلىشىم باھاسى بىر مەھەل ھەر گىرامىنىڭ باھاسى 1018 يۈەنگە ئۆرلەپ، بىردەك يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %70تىن ئېشىپ، خەلق پۇلى بويىچە ھېسابلانغان نەق ئالتۇننىڭ باھاسى جەمئىي %64تىن ئارتۇق ئۆرلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ