دۆلىتىمىزنىڭ بوخەي دېڭىزىدا يۈز مىليون تونناژلىق 7-نېفىتلىك بايقالدى

2025.12.24 15:37 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 12-ئاينىڭ 24 ـ كۈنى دۆلىتىمىز بوخەي دېڭىزى تەۋەلىكىنىڭ نېئوگېن دەۋرىگە تەۋە تېيىز قاتلىمىدا يەنە 100 مىليون تونناژلىق چوڭ بايقاشنى، يەنى چىنخۇاڭداۋ 6 ـ 29 نېفىتلىكىگە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان بوخەي نېفىتلىكىدە 2019 ـ يىلىدىن بۇيان ئۇدا بايقالغان يۈز مىليون تونناژلىق 7-نېفىتلىك بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز ئۈستى نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىق زاپىسىنى يەنىمۇ پۇختىلايدۇ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

چىنخۇاڭداۋ 6-29 نېفىتلىكى بوخەي دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم دېڭىز تەۋەلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چىنخۇاڭداۋ 3-27 نېفىتلىكىدىن ئىبارەت چوڭ بايقاشتىن كېيىنكى يەنە بىر 100 مىليون تونناژلىق لىتولوگىيەلىك نېفىتلىك ھېسابلىنىدۇ. سىناش ئارقىلىق، بۇ نېفىتلىكنىڭ يەككە قۇدۇقىدىن كۈنىگە تەخمىنەن 370 توننا خام نېفىت ئېلىنىپ، بىرقەدەر ياخشى چارلاش ئىستىقبالى نامايان قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ