
12-ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۈگۈنى ئۇنىۋېرسال مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى ۋەندا يەر-مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) بەينياۋخۇ ۋەندا مەيدانى تۈرىنى يولغا قويۇپ، 2027 ـ يىلى تىجارەت باشلاشنى پىلانلىدى.
ئۈرۈمچى ۋەندا يەر-مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ليۇ ياجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 123 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، خەلقئارا مال سېتىۋېلىش مەركىزى ۋە تولۇق ئىقتىدارلىق سودا پىيادىلەر كوچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پىلاندا ھېس قىلىش تۈرىدىكى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %80تىن ئاشىدىكەن، ئەنئەنىۋى پارچە سېتىش كەسىپ ھالىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %20 كە يەتمەيدىكەن. «بۇ تۈر بەينياۋخۇ چوڭ تىپتىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بوشلۇقىنى ئۈنۈملۈك تولدۇرۇپ، ئەتراپتىكى 300 مىڭغا يېقىن ئاھالىنىڭ مال سېتىۋېلىش، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق تولۇق ئۆلچەملىك ئېھتىياجىنى بىر بېكەت شەكلىدە قاندۇرىدۇ» دېدى ليۇ ياجۈن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ