ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى توشۇش يېڭى لايىھەسى كەلدى!

2025.12.23 15:13 مەنبە: خەلق تورى

خۇش خەۋەر!

ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى توشۇش يېڭى لايىھەسى كەلدى

يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش كىرا ئاپتوموبىلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارنى زاكازلىق توشۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش-كېلىشىىنى مەخسۇس كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم يولغا قويۇلغان ئوقۇغۇچىلارنى زاكازلىق توشۇش مۇلازىمىتى ئەلا مۇلازىمەتنى يادرو قىلغان بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەن:

بىخەتەرلىك مۇلازىمىتى كاپالەتكە ئىگە. مۇلازىمەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەممىسى بۇ شىركەت بىرتۇتاش باشقۇرىدىغان بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تاكسى بولۇپ، شوپۇرلار قاتتىق تاللاشتىن ئۆتكەن، كۆپ يىللىق ئاپتوموبىل ھەيدەش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە زور قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسى يوق ئىكەن. ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن، شوپۇرلار يەنە سىستېمىلىق بىخەتەرلىك ۋە قائىدە-يوسۇن بويىچە مەخسۇس تەربىيەلىنىپ، قاتناش قائىدىسىگە تولۇق رىئايە قىلىپ، كەسپىي ساپاسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

زاكازلىق مۇلازىمەت تېخىمۇ قولاي بولىدىكەن. بۇ شىركەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەپەر ئېھتىياجىغا ئاساسەن، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» توشۇش لىنىيەسى ۋە ۋاقتىنى دەل جايىدا پىلانلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش-كېلىش رىتىمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ماسلاشتۇرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بارلىق مۇلازىمەت ئاپتوموبىللىرىغا ھەر ۋاقىت ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارى سەپلەنگەن بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ سەپەر ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ، سەپەردىن تېخىمۇ خاتىرجەم، تېخىمۇ كۆڭلى توق بولىدىكەن.

باھاسى ئەرزان ھەم ئاشكارا بولدىكەن. مۇلازىمەتتە پەلەمپەيسىمان باھا بېكىتىش ئۆلچىمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئون كىلومېتىر ئىچىدە ھەربىر ئادەمدىن ھەر قېتىملىقىغا ئون يۈەن، ئون كىلومېتىردىن 15 كىلومېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەربىر ئادەمدىن ھەر قېتىملىقىغا 15 يۈەن، 15 كىلومېتىردىن يۇقىرى ئارىلىقتا ھەربىر ئادەمدىن ھەر قېتىملىقىغا 20 يۈەن ئېلىنىدىكەن، پۈتۈن مۇساپىدە ھېچقانداق يوشۇرۇن ھەق ئېلىنمايدىكەن.

ئاتا-ئانىلارنىڭ زاكاز قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۇ شىركەت ئىككى خىل قولاي يول ئاچقان: ئۈندىداردا تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ توردا ئېھتىياجىنى تاپشۇرسىمۇ ياكى زاكاز قىزىق لىنىيەسى 3920030-0991، 13201250573 گە تېلېفون قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان مەخسۇس توشۇش لايىھەسى تۈزسىمۇ بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ