
12-ئاينىڭ 19-كۈنى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەھكىمىسى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى يېتەكچىلىك قىلغان، جۇڭگو پۇتبول تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، گۇيلىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان 2025 ـ يىللىق «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، ساغلام جۇڭگو» مەملىكەتلىك ناھىيەلەر پۇتبول چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى گۇاڭشى گۇيلىندا باشلاندى. شىنجاڭدىن تۆت كوماندا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى، تولى ناھىيەسى، شىخەنزە شەھىرى ۋە ۋۇجياچۈ شەھىرىگە ۋەكىل كوماندىلار.
بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار مەملىكەت بويىچە 940 تىن ئارتۇق ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوندىن كەلگەن 10 مىڭغا يېقىن كوماندا ئىچىدىن 30 مىڭ مەيداندىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام مۇسابىقىسى، ئۆلكە دەرىجىلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن تاللىنىپ چىققان. سەنشى، جىلىن، جياڭسۇ، ئەنخۇي، شەندۇڭ، خېنەن، خۇنەن، گۇاڭشى، خەينەن، يۈننەن، چىڭخەي، شىنجاڭدىن ئىبارەت 12 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن ئىبارەت ئۆلكە دەرىجىلىك رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان 24 كوماندا، 335 نەپەر مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى بەش كۈن، 56 مەيدان مۇسابىقىدە كەسكىن مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ