
مۇخبىرىمىز سۇ بىن
گەرچە قىش كۈنى بولسىمۇ، گۇيجوۋ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن مياۋزۇ-دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ رۇڭجياڭ ناھىيەسى باشقىچە ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.
يېزا-كەنتلەردىكى مال يىغىش نۇقتىسىدا، كەنت ئاھالىلىرى يېڭىدىن ئۈزگەن لوخەنگو مېۋىسىنى سېۋەتلەرگە قاچىلاپ، ئايرىش، ئوراش-قاچىلاش، ئاپتوموبىللارنى يولغا سېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى؛ ناھىيە بازىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ماشىنىلار گۈرۈلدەپ يۈرۈشۈۋاتاتتى، چىلاش، ئايرىش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرى ئارقىلىق لوخەنگو مېۋىسىنىڭ قىممىتىمۇ خېلى ئاشتى.
رۇڭجياڭ ناھىيەسى ئىلگىرى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسى ئاجىز ئىدى. سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ناھىيە ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش خەلقنى بېيىتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچىغا ئايلاندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئۆزگىچە ناھىيە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك ناھىيە، سانائەتتە چوڭ ناھىيە، ساياھەتتە داڭلىق ناھىيەلەرنى يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».
«ئۆزگىچە ناھىيە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»، «يېزا-كەنتلەرنىڭ خاس كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش» پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «تەكلىپى»گە كىرگۈزۈلدى.
رۇڭجياڭنىڭ خاسلىقى «دەرىجىدىن تاشقىرى كەنت مۇسابىقىسى» بىلەن زىچ باغلانغان.
2023-يىل 5-ئايدىن ھازىرغىچە، رۇڭجياڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى كەنت مۇسابىقىسى»نى سىجىل زورايتىپ، 2700 مەيداندىن ئارتۇق تۈرلۈك مۇسابىقە ئۆتكۈزدى، جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 26 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ساياھەت ئۇنىۋېرسال كىرىمى 29 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئاشتى.
مۇسابىقە ئىقتىسادى ئاممىغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزدى. «دەرىجىدىن تاشقىرى كەنت مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلىدىغان توپ مەيدانىغا 50 مېتىر كېلىدىغان مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا، ياڭ لى بىر جۈەنفېن دۇكىنى ئاچقان بولۇپ، «دەرىجىدىن تاشقىرى كەنت مۇسابىقىسى»نىڭ ئېقىم مىقدارىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ، «سودا ياخشى بولغاندا، بىر كۈندە 1000 قاچىدىن ئارتۇق ساتالايتتى.» پۇتى يەرگە تەگمىگۈدەك ئالدىراش بولۇپ كەتسىمۇ، يىللىق كىرىمى ئىككى قاتلاندى، ياڭ لى ۋەزىيەتكە قاراپ يەنە بىر دۇكاننى كۆپەيتىپ ئېچىپ، ئۈمىدكە تولدى.
مەۋقەنى «دەرىجىدىن تاشقىرى كەنت مۇسابىقىسى»غا قويۇش، تېخىمۇ مۇھىمى «دەرىجىدىن تاشقىرى كەنت مۇسابىقىسى»دىن ھالقىپ چىقىش.
رۇڭجياڭ ناھىيەسى «دەرىجىدىن تاشقىرى كەنت مۇسابىقىسى»نىڭ سۈپەتلىك ماركا تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەككە مۇسابىقە ئىشلىرىدىن كۆپ مەنبەلىك كەسىپ ھالىتىگە قاراپ ھالقىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا قاتارلىق ئامىللارنىڭ شەھەر-يېزىلار ئارا يۆتكىلىشىنى تېزلىتىپ، پەرقلىق تەرەققىي قىلىدىغان، زەنجىرسىمان تەرەققىي قىلىدىغان ئۆزگىچە ناھىيە ئىقتىسادىنى شەكىللەندۈردى.
سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتە ئۆزگىرىش ئەڭ روشەن بولدى. «ئىلگىرى سىرتقا چىقىپ سودىگەر چاقىرىش تەس ئىدى، نۇرغۇن كارخانىلار ھەتتا رۇڭجياڭنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيتتى.» رۇڭجياڭ ناھىيەلىك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن شىفېن مۇنداق دېدى: «دەرىجىدىن تاشقىرى كەنت مۇسابىقىسى»نىڭ تەسىر كۈچى كېڭەيگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كارخانا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ھەمكارلاشتى، «ناھىيە ئەلالىرىنىڭ ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ، كەسىپ يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى ئاندىن ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ.»
لوخەنگو مېۋىسى رۇڭجياڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى. لېلى بازىرى دارۈي كەنتىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى لىن زېخې مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بازار بىرلا خىل بولۇپ، پىششىقلاش كەمچىل ئىدى، يېڭى مېۋىلەرنى باشقا جايلارغا سېتىشقا تايىناتتۇق، باھادا چوڭ داۋالغۇش بولاتتى، بەزىدە ھوسۇل ئاشسىمۇ، كىرىم ئاشمايتتى.»
«بىز <دەرىجىدىن تاشقىرى كەنت مۇسابىقىسى> ماركىسىنىڭ ئارقىسىدىكى سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن رۇڭجياڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇردۇق.» گۇيجوۋ خۇاچېڭ لۈكې بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ گولياڭ ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ تۈرگە جەمئىي 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، لوخەنگو مېۋىسى ئايرىش لىنىيەسى، لوخەنگو مېۋىسى قۇرۇق مېۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قاتارلىقلار قۇرۇلدى، 1-قارارلىق قۇرۇلۇش ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، 8000 توننىدىن ئارتۇق يېڭى مېۋە كىرىشتۈرۈلۈپ، مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى.
ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر ھالقىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، لىن زېخې دادىل بولۇپ، كەنت بېشىدا لوخەنگو مېۋىسى مال يىغىش نۇقتىسى قۇرۇپ، خۇاچېڭ لۈكې شىركىتى بىلەن ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، مېۋە بىلەن بىرتۇتاش تەمىنلىدى؛ ئەتراپتىكى كەنتلەرمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوشۇلدى.
«كەنت ماركىسى» «كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىتىش كۈيىنى» ياڭراتتى. «دەرىجىدىن تاشقىرى كەنت مۇسابىقىسى»نىڭ تەسىر كۈچى كېڭىيىپ ھازىرغىچە، رۇڭجياڭ ناھىيەسىدە يېڭىدىن 9270 تىجارەت سۇبيېكتى كۆپىيىپ، يېمەكلىك پىششىقلاش، ئېلېكتىرونلۇق ياسىمىچىلىق قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك كارخانىنى كىرگۈزۈپ ماكانلاشتۇردى، 50 تىن ئارتۇق كارخانا بىلەن «دەرىجىدىن تاشقىرى كەنت مۇسابىقىسى» ماركىسىدا كېلىشىم ئىمزالاپ ھەمكارلىشىپ، مەھسۇلات سېپى شەكىللەندۈرۈپ پۈتۈن مەملىكەتتە ساتتى. پۈتۈن ناھىيەنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.
رۇڭجياڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ بو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، داۋاملىق شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ