
مۇخبىرىمىز كۇ جياڭزې
يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش تەرەققىيات قارىشىدىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئىنقىلاب.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا.»
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەشنى كۈچەيتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.
كاربون بازىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىشتۈردى، تەرەققىي قىلدۇردى؛ گۈزەل دەريا-كۆللەرنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ۋادىدىكى سۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى چوڭقۇرلاشتۇردى؛ زامانىۋى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. .. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا مۇھىم قەدەم تاشلاندى.
بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى مۇستەھكەملەندى −
گۇاڭدۇڭ شېنجېن شەھىرى نەنشەن رايونىدا شىلىخۇ كۆلىنى ئايلىنىدىغان يېشىل يول تاغ، ئورمان، كۆل بويىغا بەرپا قىلىندى. «ئىلگىرى قىرغاقتا نۇرغۇن ياۋا ئوت ـ چۆپ، قالايمىقان تاش بار ئىدى، ھازىر يوللار تۈزلىنىپ، مەنزىرىسى گۈزەللەشتى، قارىساملا كۆڭلۈم يايراپ كېتىدۇ.» يېقىن ئەتراپتا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە لى ۋاڭچىڭ دائىم بۇ يەرگە كېلىپ تېز مېڭىپ مەشىق قىلىدۇ. بۇ يىل 2 ـ ئايدا، شىلىخۇ كۆلىنى ئايلىنىدىغان يېشىل يول پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شۇ جاي تۆۋەن كاشىلىلىق ئېچىشنى چىڭ تۇتۇپ، سۇ سىستېمىسى بىلەن ئورمان فازىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى ۋېلىسىپىت مىنىپ سەيلە قىلىدىغان، گۈل ـ گىياھلارنى تاماشا قىلىدىغان، باغچىنى سەيلە قىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى.
بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىشقا يۈزلەندى، 2024-يىلى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەردە PM2.5 نىڭ قويۇقلۇقى 29.3 مىكروگىرام/كۇب مېتىرغا تۆۋەنلەپ، 2020-يىلىدىكىدىن %16.3 تۆۋەنلىدى، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كەسمە يۈز نىسبىتى %90.4 بولۇپ، تۇنجى قېتىم %90 تىن ئاشتى، ئاسمان تېخىمۇ كۆك، يەر تېخىمۇ يېشىل، سۇ تېخىمۇ سۈزۈك بولدى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلەت باغچىسىنى سۇبيېكت قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىندى، ئۈچ دەريا مەنبەسى قاتارلىق تۇنجى تۈركۈمدىكى بەش دۆلەت باغچىسى تەسىس قىلىندى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇق رايونى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قىزىل سىزىقى كۆلىمىنىڭ قۇرۇقلۇق رايونى دۆلەت زېمىنى كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %30 تىن ئاشتى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %25 تىن ئاشتى.
رىتىم ۋە سالماقنى پۇختا ئىگىلەپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش −
جېجياڭ جياشىڭ پورتى چاپۇ پورت رايونىدا ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك يۈك ئاپتوموبىللىرى دۆۋىلەش مەيدانى بىلەن پىرىستان ئارىسىدا توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. جېجياڭ دېڭىز پورتى جياشىڭ پورت ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى چاپۇ شۆبە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى جۇڭ لياڭلياڭ تونۇشتۇرۇپ: «2022-يىلى تۇنجى تۈركۈمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، جياشىڭ پورتى چاپۇ پورت رايونى ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك يۈك ئاپتوموبىلىدىن جەمئىي 100 نى تارقىتىپ، پۈتۈن پورتتىكى ئەنئەنىۋى ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئالماشتۇردى، ھەر يىلى پورت ئۈچۈن تەخمىنەن 3 مىليون يۈەن يېقىلغۇ تەننەرخىنى تېجەپ بەرگىلى بولىدۇ» دېدى.
دۆلىتىمىز «قوش كاربون» خىزمىتىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇملۇقىغا كىرگۈزۈپ، كاربون تۆۋەنلىتىش، بۇلغىما ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس، ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇردى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز يەر شارى بويىچە پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى قاپلىغان ئەڭ چوڭ كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودا بازىرىنى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى %60 تىن كۆپرەك ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى، شامال ئېلېكتىر، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش گېنېراتورلار ئومۇمىي مىقدارىدا 2030-يىل دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش سىجىللىقىنى سىجىل تۆۋەنلەتتى. 2024-يىلىغىچە، دۆلىتىمىز پاكىز ئېنېرگىيە ئىستېمال مىقدارىنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %28.6 كە يەتتى، كۆمۈرنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %53.2 كە تۆۋەنلىدى.
يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش −
يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدا ماتېرىيال توشۇش، ئىس-تۈتەكنى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش، نىتراتسىزلاشتۇرۇش، مۇھىت قوغداش ئەسلىھەلىرىنى توردا نازارەت قىلىش-تىزگىنلەش بىلەن تولۇق قاپلاش. ..«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئەنشەن پولات-تۆمۈر پاي چەكلىك شىركىتى بېييۈچۈەن پولات-تۆمۈر شۆبە شىركىتى پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى. شىركەتنىڭ مەركىزىي كونترول ئۆيىدە، ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش بويىچە ئاقىل باشقۇرۇش سۇپىسى زاۋۇت رايونىنىڭ ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ تىزگىنلەيتتى. «نۇقتا ئورنىنىڭ كۆرسەتكۈچىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلسىلا، دەرھال سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ» دېدى شىركەتنىڭ بىخەتەرلىك، مۇھىت قوغداش بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ.
دۆلىتىمىز كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قاتناش-تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلەتتى. ھازىرغا قەدەر، دۆلىتىمىز يەر شارى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ پاكىز پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، 950 مىليون توننا يىرىك پولات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا قارىتا پۈتۈن جەرياننى ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش بويىچە ئۆزگەرتىش ياكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش شەكلى تەدرىجىي ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 200 مىليون ئادەم قېتىم ئاممىۋى قاتناش شەكلى ئارقىلىق سەپەرگە چىقىدىغان بولدى.
دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشنى تېزلىتىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«15-بەش يىل» مەزگىلى گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر-بىرىگە باغلايدىغان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى سۈن جىنلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، يېشىل تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا يېڭى مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ