
دۆلەت باج باش ئىدارىسى ۋېيشىن سالونىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2026-يىللىق شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدىن مەخسۇس تۈردىكى قوشۇمچە تۇتۇپ قېلىش ئۇچۇرىنى بېكىتىش 2025-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن، باج تارماقلىرى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاھالىلەرنىڭ شەخسلەر تاپاۋەت بېجى APPسى ئارقىلىق ئۇچۇرنى ۋاقتىدا بېكىتىشنى ئەسكەرتكەن.
شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدىن مەخسۇس تۈردىكى قوشۇمچە تۇتۇپ قېلىش تۈرى تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە ھەققى، تۇرالغۇ ئۆي قەرز پۇلى ئۆسۈمى، داۋاملىق تەربىيە، ياشانغانلارنى بېقىش، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى بېقىش، پەرزەنت تەربىيەلەش، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالىتىشتىن ئىبارەت يەتتە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەلگىلىمە بويىچە، مەخسۇس تۈردىكى قوشۇمچە چىقىرىۋېتىش ئۇچۇرىنى يىلدا بىر قېتىم تاپشۇرۇش كېرەك.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ