
مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، جۇڭگو خەلق بانكىسى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە «خەلق پۇلى نەق پۇل كىرىم ـ چىقىمى ۋە مۇلازىمەت بەلگىلىمىسى»نى تۈزۈپ چىقىپ، خەلق پۇلىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇل ئورنىنى ھەقىقىي قوغداپ، خەلق پۇلى نەق پۇلىنى ئېلىشنى رەت قىلىش قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان چىقىم مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئورتاق تەرەققىي قىلغان نەق پۇل قولاي ئوبوروت مۇھىتى بەرپا قىلغان.
نەق پۇل تۆلەش راۋان بولماسلىق مەسىلىسىگە يولۇققاندا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
نەق پۇل تۆلەش قولايسىز، راۋان بولمىغاندا، ھەق ئالغۇچى ئورۇن، تىجارەت سۇبيېكتلىرى بىلەن دوستانە كېڭىشىپ تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىپ، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە توغرا قوغداش كېرەك. ھەقىقەتەن نەق پۇل ئېلىشنى رەت قىلغان ياكى كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىپ نەق پۇلنى چەتكە قاققان ئەھۋالغا يولۇققاندا، مۇناسىپ دەلىل-ئىسپات ياكى يىپ ئۇچىنى مۇۋاپىق ساقلاپ، شەھەر مەمۇرىيىتى قىزىق لىنىيەسى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، پۇل مۇئامىلە ئىستېمال ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئەرز قىلىش، پاش قىلىش كېرەك، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ