«جۇڭگو ئالتۇنى» APP سى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى!

2025.12.23 15:18 مەنبە: خەلق تورى

12-ئاينىڭ 22-كۈنى سىرتقا بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەن «جۇڭگو ئالتۇنى تۇنجى نۆۋەتلىك زىخچە ئالتۇن بايرىمى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، «جۇڭگو ئالتۇنى»APP سى رەسمىي ئېلان قىلىپ تورغا چىقىرىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت «خاتىرجەم ئالتۇن سېتىۋېلىش» رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يولى بەرپا قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ «خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش» ۋە «ئەركىن مال سېتىۋېلىش»ىغا كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت.

ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ئالتۇنى ئۈنچە-مەرۋايىت شىركىتىنىڭ ئورگان تەرەپ رەقەملىك يېڭى پارچە سېتىش سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «جۇڭگو ئالتۇنى» APP سى ئالتۇن سودىسى، ئۇچۇر تەكشۈرۈش، كەسپىي مەسلىھەت بېرىش پۈتۈن زەنجىرىنى ئاچقان بولۇپ، بازاردىكى ئالتۇن باھاسى سانلىق مەلۇماتىنى ھەرۋاقىت ماس قەدەمدە يوللاپ، ئالتۇن ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا يوللاپ، كەسىپ ھالىتىنى دەل جايىدا نامايان قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەھسۇلاتلارنى تېز تاللىشىغا كۈچ قوشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ