

12-ئاينىڭ 21-كۈنى، كان قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى خېيلۇڭجياڭ فېڭيۈەن كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ داتۇڭگوۋ كۆمۈر كېنىدا توختىدى.
مۇخبىرنىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى جىشى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 4 تىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، خېيلۇڭجياڭ فېڭيۈەن كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ داتۇڭگوۋ كۆمۈر كېنىدا سۇ چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈزبېرىپ، بەش ئادەم قاپسىلىپ قالغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جىشى شەھىرى دەرھال بىرلەشمە قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرغان. نۆۋەتتە، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ