تۇڭچېڭ لۈشىڭنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە:

شىنجاڭدىكى مېھمانسارايلارنى ئالدىن زاكاز قىلىش قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلكە دائىرىسىدىكى مەنزىلگاھلار ئىچىدە 1 ـ ئورۇندا تۇردى

2025.12.19 15:25 مەنبە: خەلق تورى

تۇڭچېڭ لۈشىڭنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 12 ـ ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، شىنجاڭنى نىشان قىلغان مېھمانسارايلارنى ئالدىن زاكاز قىلىش قىزغىنلىقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 تىن ئارتۇق ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلكە دائىرىسىدىكى مەنزىلگاھلار ئىچىدە 1 ـ ئورۇندا تۇرغان.

بۇ يىل قىشتا، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازىرىدا «سۇس پەسىلدە سۇسلاشماسلىق، قىزغىنلىق ئۆرلەش» ۋەزىيىتى نامايان بولدى. شىنجاڭنىڭ قار ـ مۇز ساياھىتى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، تۇڭچېڭ لۈشىڭ، مېيتۈەن، شيېچېڭ، چۈنار قاتارلىق مەدەنىيەت ـ ساياھەت سۇپىلىرى بەس ـ بەستە تېز ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھوقۇق ـ مەنپەئەت كارتىسى، ئىستېمال ياردەم پۇلى، سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق كۈچ قوشۇش قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك تەدبىرلەر ئارقىلىق، «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش»قا كۈچ قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ