2026 –يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى پات ئارىدا ئېلىنىدۇ، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا قانۇن ـ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلدى

2025.12.19 15:20 مەنبە: خەلق تورى

2026 –يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى پات ئارىدا ئېلىنىدۇ، مائارىپ مىنىستىرلىقى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى جەمئىيەتكە 2026-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىمتىھان ئىستىلى ۋە ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، ئىمتىھانغا ئالاقىدار قانۇن ـ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش، دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىنىڭ ئادىللىقى ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، دۆلەت مائارىپ-بىرتۇتاش ئىمتىھان خىزمىتى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىغا ئالاقىدار ئەزا ئورۇنلار بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، ئىمتىھان مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەپ، ئىمتىھانغا ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرگە قارىتا باشتىن-ئاخىر قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا، ئادىل، ھەققانىي ئىمتىھان مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ