
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 12- ئاينىڭ 17 ـ كۈنى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: رۇسىيە تەرەپ «ئىلگىرىكىدەكلا سۆھبەتكە تەييار ھەمدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈلگەن بارلىق مەسىلىلەرنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ».
پۇتىن قايسى مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى كونكرېت چۈشەندۈرمىدى، لېكىن مۇنداق كۆرسەتتى: 2022-يىلى رۇسىيە ـ ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى رۇسىيە ئەمەس، «ئۇكرائىنادىكى بۇزغۇنچى كۈچلەر غەربنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ئەمەلىيەتتە غەرب بۇ مەيدان ئۇرۇشنى ئۆزى قوزغىغان، بىز پەقەت ئۇنى ئاخىرلاشتۇرماقچى».
پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى مەقسەتلىك ھالدا «ئىشنى قوراللىق توقۇنۇشقا باشلىدى»، لېكىن رۇسىيەگە قارىتىلغان بارلىق بۇزغۇنچىلىق پىلانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈزۈل ـ كېسىل مەغلۇپ بولدى. رۇسىيە تەرەپ ئامېرىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ، ياۋروپانىڭمۇ رۇسىيە تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
پۇتىن يەنە مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسى چوقۇم تېخنىكا جەھەتتىكى باشلامچىلىق ئورنىنى داۋاملىق ساقلىشى كېرەك، بۇ ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى، ئۇچۇر تېخنىكىسى، يېڭى ماتېرىياللارنى كىرگۈزۈشنى تېزلىتىش ھەمدە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ كونترول سىستېمىسى ۋە مۇستەقىل ئۇرۇش سىستېمىسىدا قوللىنىلىشىنى كېڭەيتىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ