
12-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونلۇق (يېڭىشەھەر رايونلۇق) شۆبە ئىدارىسى ئاممىنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، تويلۇق ئۈچۈن تەييارلىغان 120 گىرام ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇمىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن مەلۇم گۈل-گىياھ بازىرىدا يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. خەلق ساقچىلىرى كۆزىتىش ئاپپاراتىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى قاچىلانغان خالتىنى قار تازىلاش ماشىنىسى ئېلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ھۆكۈم قىلىپ، دەرھال قار تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ، نەچچە مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان قار دۆۋىسىدە ئىزدەشنى باشلىدى.
تۆت سائەت تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، خەلق ساقچىلىرى ئاخىر قار دۆۋىسىنىڭ ئىچكىرىسىدىن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى ئوراش خالتىسىنى تاپتى، تازىلاپ پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئىگىسىنىڭ يىتتۈرۈپ قويغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇمى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئاممىغا يىتتۈرۈپ قويغان ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى ئوڭۇشلۇق تېپىپ بەردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ