مائارىپ مىنىستىرلىقى دائىملىق ئىمتىھاننىڭ قېتىم سانىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى

2025.12.18 15:39 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دائىملىق ئىمتىھاننى باشقۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، دائىملىق ئىمتىھان، سىناقنىڭ قېتىم سانىنى ئازايتىپ، دائىملىق ئىمتىھاننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىمتىھان بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىيادە ئېغىر ئوقۇش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دائىملىق ئىمتىھان ئېلىش دائىرىسى ئېنىق بېكىتىلدى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دائىملىق ئىمتىھانى يەرلىك ۋە مەكتەپلەرنىڭ كۈندىلىك ئوقۇتۇش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ باسقۇچلۇق ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش، ئوقۇتۇشنى ياخشىلاشقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن يىللىقلار بويىچە بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ تەشكىللەپ يولغا قويىدىغان ئىمتىھاننى كۆرسىتىدۇ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىرتۇتاش ئىمتىھانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىمتىھان قېتىم سانىنى يەنىمۇ ئازايتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىبارەت ئوخشاش بولمىغان ئوقۇش باسقۇچلىرىغا قارىتا، ئىمتىھان قېتىم سانىنى كونترول قىلىش تەلىپىنى تۈرگە ئايرىپ ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-، 2-يىللىقلىرىدا قەغەز-قەلەم ئىمتىھانى ئېلىنمايدۇ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ باشقا يىللىقلىرىدا مەكتەپ ھەر مەۋسۇمدا بىر قېتىم مەۋسۇملۇق ئىمتىھان تەشكىللەيدۇ. سوئال چىقىرىشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، دەرس ئۆلچىمى ۋە ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن سوئال چىقىرىپ، ساپا يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ