شىمالىي قۇتۇپنىڭ تېمپېراتۇرىسى 1900-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يەتتى

2025.12.17 15:38 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ۋە ئاتموسفېرا باشقۇرۇش ئىدارىسى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلغان شىمالىي قۇتۇپ يىللىق كىلىمات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىل 10-ئايدىن 2025-يىل 9-ئايغىچە بولغان بۇ ئىستاتىستىكا دەۋرىيلىكى ئىچىدە، شىمالىي قۇتۇپ رايونىنىڭ ئوتتۇرىچە يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسىدا 1900-يىلى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى قىممەت يارىتىلغان.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: ئۆتكەن ئون يىل شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا كۆزىتىش خاتىرىسى قالدۇرۇلغاندىن بۇيانقى تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقىرى بولغان ئون يىل بولغان. 2006-يىلىدىن بۇيان، شىمالىي قۇتۇپ رايونىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ