
يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى تەۋەلىكىدىكى خەيدىلاۋ ئاشخانىسىنى تۇيۇقسىز تەكشۈردى.
↓↓↓
تەكشۈرۈش جەريانىدا قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش، ماي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش، قاچا-قۇچىلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى نۇقتىلىق تەكشۈردى
نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق دۇكاننىڭ كۆكتات تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكى
دادۇر يېغىنى كۈندە ئالماشتۇرۇش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكى

كېرەكسىز ماينى بىر تەرەپ قىلىشتا ماي بىلەن سۇنى ئايرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى ھەمدە يۆتكەش خاتىرىسى تەپسىلىي بولغانلىقى
تۈرلۈك ھېسابات دەپتەرلىرىنى تىزىملاش ئۆلچەملىك بولغانلىقى
بىرلا ۋاقىتتا لاياقەتسىز خاتىرە جەدۋىلى تەسىس قىلىپ خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى بايقالغان
تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان ئاز مىقداردىكى ئىنچىكە مەسىلىلەرگە قارىتا
دۇكان نەق مەيداندا تۈزىتىشنى تاماملىدى
ئىستېمالچىلارنىڭ تېخىمۇ خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى
سىننى كۆرگەندىن كېيىن، تورداشلار بەس-بەستە «خاتىرجەم بولدۇق» دېيىشتى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ