ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى تولۇق كۇرس مەكتىپىگە ئۆستۈرۈلدى

2025.12.17 15:39 مەنبە: خەلق تورى

12-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچى مەكتەپ تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي پەيتىنى كۈتۈۋالدى، يەنى تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى.

دەرىجىسى تولۇق كۇرس مەكتەپكە ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى تۇنجى تۈركۈمدە زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىنى باشقۇرۇش، خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا، ساياھەت باشقۇرۇش ھەمدە چوڭ سانلىق مەلۇمات قۇرۇلۇشى تېخنىكىسىدىن ئىبارەت تۆت تولۇق كۇرس كەسپىنى تەسىس قىلىپ، بۇ يىل 9-ئايدا تۇنجى تۈركۈمدىكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلدى. پىلان بويىچە، كەلگۈسى بەش يىلدا، مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس كەسپى 30 غا يېتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ