
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 24 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش − ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2015 - يىلى 10 - ئايدىن 2025 - يىلى 10 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ھەم ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ۋاقىتلىق تەدبىر ئەمەس، بەلكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش تەلىپىنى قاندۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى. ئىچكى ئېھتىياجنى، بولۇپمۇ ئىستېمال جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچقا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئەۋزەللىكى دەل ئىچكى ئىمكانىيەتلىك ئايلىنىشتا. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقىسملەش، ئوبوروت، ئىستېمالنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىچكى بازارغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىپ ياخشى ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش بىلەن ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش زىددىيەتلىك ئەمەس. دۆلەت ئىچىدىكى ئايلىنىش قانچە راۋان بولسا، دۇنياۋى بايلىق ئامىلىغا بولغان تارتىش كۈچى مەيدانىنى شۇنچە شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ، بۇ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا شۇنچە پايدىلىق، خەلقئارا رىقابەت ۋە ھەمكارلىققا قاتنىشىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈشكە شۇنچە پايدىلىق. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە تەڭ كۈچەپ، ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئېھتىياج تەمىناتنى يېتەكلەيدىغان، تەمىنات ئېھتىياجنى يارىتىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىق ھازىرقى ئىقتىسادىي ئايلىنىش دۇچ كېلىۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، كىرىم تىرىكى بولغان ئىستېمال ئېھتىياجى، مۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى، دەسمايە ۋە قەرز چەكلىمىسى بولغان پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى كۈچەپ كېڭەيتىش كېرەك. ئىستېمال دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتور، ئىستېمالنى كېڭەيتىشتە ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كىرىم تەقسىماتى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىنى كېڭەيتىش، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت. ئاھالىلەر ئىستېمالىنى كېڭەيتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنى مۇقىم كىرىم قىلىپ ئىستېمال قىلالايدىغان، غەم - ئەندىشىسىز يۈرەكلىك ئىستېمال قىلالايدىغان، ئىستېمال مۇھىتى ئەلا، ئېرىشىش تۇيغۇسى كۈچلۈك ھالەتتە ئىستېمال قىلىشنى خالايدىغان قىلىش كېرەك. سېلىنمىنى زورايتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇۋاپىق ئالدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر سېلىنمىسىنى زورايتىپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تەمىنلەشنى چەكلەپ قويۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتا، ئاجىز نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنلەش ئارقىلىق ھازىرقى ئېھتىياجنى ماسلىشىپ قاندۇرۇپ، يېڭى ئېھتىياجنى يارىتىش ۋە يېتەكلەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ