شىنجاڭنىڭ ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە ئۇدا 1-ئورۇندا تۇردى

2025.12.16 15:18 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىلى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ھوسۇلى 24 مىليون 323 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 1 مىليون 21 مىڭ توننا ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە 13-ئورۇننى داۋاملىق ساقلىغان. ئاشلىق مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 552.8 كىلوگىرامغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 28 كىلوگىرام ئېشىپ، بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ رېكورتنى ساقلىغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش»تىن ئىبارەت ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش، سىياسەت، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى توپلاشتۇرۇپ كېڭەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ