يولداش ۋاڭ بىڭچيەننىڭ مېيىتى گۇاڭجوۋدا كۆيدۈرۈلدى

يولداش ۋاڭ بىڭچيەننىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش ۋاڭ بىڭچيەننىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق -تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى

2025.12.16 15:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، جاۋ لېجى قاتارلىقلار گۇاڭجوۋ شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرى ئورنىغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، دۆلىتىمىزنىڭ مالىيە - ئىقتىساد سېپى ۋە سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش ۋاڭ بىڭچيەننىڭ مېيىتى 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى گۇاڭدۇڭ گۇاڭجوۋ شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرى ئورنىدا كۆيدۈرۈلدى.

يولداش ۋاڭ بىڭچيەن كېسەل سەۋەبىدىن 2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 3تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭدۇڭدا 100 يېشىدا ۋاپات بولدى.

يولداش ۋاڭ بىڭچيەننىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش ۋاڭ بىڭچيەننىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى قاتارلىقلار 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى مەخسۇس گۇاڭجوۋ شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرى ئورنىغا بېرىپ يولداش ۋاڭ بىڭچيەننى ئۇزىتىپ قويدى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ھال سورىدى.

12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۇاڭجوۋ شەھەرلىك دەپنە ئىشلىرى ئورنى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئاساسىي زالنىڭ ئۇدۇل تېمىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «يولداش ۋاڭ بىڭچيەنگە قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات ئېسىلغان بولۇپ، پىلاكاتنىڭ ئاستى تەرىپىدە يولداش ۋاڭ بىڭچيەننىڭ سۈرىتى بار ئىدى. يولداش ۋاڭ بىڭچيەننىڭ مېيىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغانىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9لاردا، جاۋ لېجى قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا قەدەم بىلەن يولداش ۋاڭ بىڭچيەننىڭ مېيىتى ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، يولداش ۋاڭ بىڭچيەننىڭ مېيىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى ھەم يولداش ۋاڭ بىڭچيەننىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ سەمىمىي ھال سورىغانلىقىنى يەتكۈزدى.

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلىرى بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يولداش ۋاڭ بىڭچيەننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ