ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشىنى ئىگىلەيلى

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2025.12.16 15:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش كېرەك؟ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا زور سىياسەت - فاڭجېن ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئومۇمىي تەلەپ ۋە سىياسەت يۆنىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ چىقارغان بىرتۇتاش پىلانلىشى.

«مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىساد خىزمىتى بىلەن خەلقئارا ئىقتىساد - سودا كۈرىشىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش» «تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، سىياسەتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش» «سىجىل تۈردە ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇش، كۆپەيمە مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇش»... مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى بىز پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا قويۇپ ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى قاتمۇقات قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى، تاموژنا بېجى قارا بۇلۇتلىرى دۇنياۋى سودىنى قاپلىدى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا ئاپپاراتلار دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى بەس - بەستە تۆۋەنلەتتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو تېز قايتۇرما زەربە بېرىپ، كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىپ، كۆپ ساھەدە قارشى جازا يۈرگۈزۈش بويىچە «بىرىكمە تەدبىر» قوللىنىپ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى باشتىن - ئاخىر مەھكەم ئىگىلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.

بىر يىلدىن بۇيان، بىز ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ زورىيىشى، كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولدۇق، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە كۆلەمدىن يۇقىرى يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.6 ئاشتى؛ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويدۇق، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %53.5كە يەتتى... زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىشكىچە، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا مۇستەھكەم ئىشەنچ تۇرغۇزدۇق، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىش» مەنزىرىسى ئۆزگىچە گۈزەل بولدى.

بىر يىلدىن بۇيانقى ئىنتايىن ئالاھىدە تەرەققىيات مۇساپىسىدىن بىز پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش»نىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپلارنىڭ بىرى قىلىنغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۇق، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىككىنى «تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش» توغرىسىدىكى ئېنىق تەلەپنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردۇق.

ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسەتمەكتە، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئىچكى تەرەققىياتقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ھەر خىل ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش تەس بولغان خەۋپ - خەتەر ئامىللىرىغا دۇچ كەلمەكتە، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈل ۋە ئېغىر. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، مۇرەككەپ تاشقى مۇھىت ئالدىدا ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ ئىچكى ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق تاشقى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تۈرلۈك ئېنىقسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرساقلا، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىچكى ماھارەتنى ياخشى يېتىلدۈرۈپ، مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرغاندىلا، ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان يوق».

يىغىندا كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ سىياسەت يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ساقلانما سىياسەت ۋە كۆپەيمە سىياسەتنىڭ توپلانما ئۈنۈمى جارى قىلدۇرۇلۇپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش ۋە ھالقىما دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقى زورايتىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلدى، بۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات كۆزلىمىسىگە كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ماكرولۇق سىياسەت ئۈنۈمىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش ۋە ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. كېلەر يىللىق مالىيە سىياسىتى ۋە پۇل سىياسىتىنىڭ رىتىمىنى بېكىتىشكە قارىتا، تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش، مۇۋاپىق ھەم كەڭ پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش تەلەپ قىلىندى، بۇ، بۇ يىلقى سىياسەت يۆنىلىشى بىلەن ئىزچىللىقنى ساقلىغان بولۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقىنى نامايان قىلدى، بۇ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما.

بۇ يىلدىن بۇيان، 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنلىك پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مەزگىللىك ئالاھىدە زايومنى ئورۇنلاشتۇرۇپ «ئىككى مۇھىم» «ئىككىنى يېڭىلاش»نى كۈچەپ قوللاشتىن كۆپ تۈرلۈك قۇرۇلما خاراكتېرلىك پۇل سىياسىتى قورالىنى تەسىس قىلىپ ۋە يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش قاتارلىقلارغا كۈچ قوشۇشقىچە، يەنە ماكرولۇق سىياسەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا بولغان يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ، بايلىق ئارقىلىق «ئادەمگە مەبلەغ سېلىش»قىچە... تۈرلۈك سىياسەتلەر ۋاقىت - شارائىتقا قاراپ تەييارلىنىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ يولغا قويۇلۇپ، ماسلىشىپ كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەت، دەل جايىدا بولغان ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.

كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ سىياسەت يۆنىلىشىنى ئىگىلەشتە، بىر مۇھىم تەرەپ دەل «سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش». ھەم ئاكتىپ، ئەمەلىي نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنى يولغا قويۇشنىڭ سالمىقى، رىتىمى ۋە پۇرسىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، «توپلانما ئۈنۈم»نى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەتنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ھەم سىستېمىلىق قاراشنى كۈچەيتىپ، ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئىقتىسادتىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرگەندىلا، جەزمەن ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ۋە بازار كۆزلىمىسىنىڭ سىجىل يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

ھازىر، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچىمىز بار، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشىدىن بىز ئىشەنچ تۇرغۇزدۇق، جۇڭگونى تېخىمۇ چۈشەندۇق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىسەكلا، بىز چوقۇم جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «مىقدار» جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە، «سۈپەت» جەھەتتە سىجىل يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ