

12-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ رود ئارىلى ئىشتاتىنىڭ پروۋىدېنس شەھىرىدە، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش خادىملىرى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈزبەرگەن بروۋن داشۆسىدە خىزمەت قىلماقتا.
ئامېرىكىنىڭ رود ئارىلى ئىشتاتىنىڭ پروۋېدېنس شەھىرىگە جايلاشقان بروۋن داشۆسىدە شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈزبېرىپ، ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم قازا قىلغان، سەككىز ئادەم يارىلانغان. شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ جىنايەت گۇماندارىنىڭ يەنىلا قېچىپ يۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ