
دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، «2026-يىللىق مەركەز مەبلىغىدىن ياردەم پۇل ئاجرىتىپ جەمئىيەتكە ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەق بىلەن ئېچىۋېتىلىدىغان ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرى تىزىملىكى»نى ئېلان قىلغان، شىنجاڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دە جەمئىي 146 تەنتەربىيە مەيدان-سارىيى مەركەزنىڭ ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن.
تىزىملىككە ئاساسەن، شىنجاڭدىن جەمئىي 117 تەنتەربىيە مەيدان ـ سارىيى تاللانغان بولۇپ، بۇلار شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزى تەنتەربىيە سارىيى، ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش سارىيى، قاراماي شەھەرلىك سۇ ئۈزۈش سارىيى، كۇيتۈن شەھەرلىك تەنتەربىيە مەيدانى، ئالتاي ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە سارىيى، خوتەن شەھەرلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن 29 تەنتەربىيە مەيدان ـ سارىيى تاللانغان، بۇلار شىخەنزە شەھىرى خۇڭسەن ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى، شىخەنزە شەھەرلىك ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تەنھەرىكەت مەيدانى (ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى)، خۇڭشىڭ 1 ـ مەيدانى خۇڭشىڭ جۇڭئاۋ تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ