30 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىگە نەپ يەتكۈزۈلدى! ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك

2025.12.15 15:00 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرگەن، ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىل 152 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىنىڭ ھەممىسى تاماملىنىپ، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىگە نەپ يەتكۈزۈلگەن.

بېييۈەنچۈن ئولتۇراق رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىلقى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىرتقى تامنى ئىسسىقلىق ساقلايدىغان قىلىش، ئۆگزىدىن سۇ ئۆتمەس قىلىش، سىرتقى تام يۈزى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىللىق كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى 19 مىڭ 300 ئاھالىگە چېتىلىدىغان 107 يېڭىدىن قۇرۇلغان تۈرنى، 11 مىڭ ئاھالىگە چېتىلىدىغان 45 داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جەمئىي 15362 مېتىر سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسى، 44700 مېتىر يۇندى تۇرۇبا لىنىيەسى، 11000 مېتىر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە تۇرۇبا لىنىيەسى، 2030 مېتىر يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا لىنىيەسى ئۆزگەرتىلىپ، 118 مىڭ كىۋادرات مېتىر ئىمارەتنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ماس قەدەمدە يولغا قويۇلۇپ، 93400 كىۋادرات مېتىر ئۆگزە سۇ ئۆتمەس قىلىپ ياسىلىپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئىقتىدارىدىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ