مىكرو كۆرۈنۈش. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا

«شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنىڭ ماھىيىتى — ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش»

2025.12.15 14:59 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، ليۇ جىچياڭ

ۋاقتى: 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

كۈنتەرتىپ: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

«بۇ يىللاردا مەن شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدىم.» مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىن ئىبارەت بۇ مېتودولوگىيەنى چوڭقۇر ئانالىز قىلدى.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر يولى، ۋەزىپىسى، سىياسەتلىرى تولۇق دەلىللەش، قايتا-قايتا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بېكىتكەنىكەنمىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.» «ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ.»

«14-بەش يىل» پات ئارىدا تاماملىنىدۇ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى سەپىرى ياخشى باشلاندى. «15-بەش يىل»غا ئاتلىنىشتا، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە خەۋپ-خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىدۇ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى چىگىچ، مۇرەككەپ بولىدۇ.

«ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، بىرلىككە كەلگەن ئىرادە ۋە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.» قانداق قىلىپ «پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش»نى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا تەپسىلىي تەھلىل قىلىپ، سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ، «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش»نى گەۋدىلىك تەكىتلىدى.

«يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك.»

«بەزى جايلار ئەمەلىيەتنى ئويلاشماي، قارىغۇلارچە بازار پۇرسىتىنى قوغلاشتى. باشقىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆزەك ياساۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ ياسىدى. باشقىلارنىڭ <يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلات> ياسىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ ئارقىدا قېلىشنى خالىمىدى.» بەزى ھادىسىلەرگە قارىتا ئۇ ئوبرازلىق مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى بار، رايونلاردا پەرق بار، ياشانغانلار، ياشلار بار، بەزىلىرىنىڭ يېشى كىچىك، بەزىلىرىنىڭ يېشى چوڭ، نېمە ئۈچۈن ھەممىسى ئوخشاش ئىش قىلىشنى تاللايدۇ؟»

«ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك.»

ئېكولوگىيەنىڭ چېكىنىشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشتە «ئورمانغا ماس كەلسە ئورمان ئىقتىسادىنى، ئوتلاققا باب كەلسە ئوتلاق ئىقتىسادىنى، قۇملۇققا باب كەلسە قۇملۇق ئىقتىسادىنى، چۆللۈككە باب كەلسە چۆللۈك ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش» كېرەك؛ سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا «سۇ مەنبەسىگە ئاساسەن شەھەر پىلانلاش، سۇ مەنبەسىگە ئاساسەن يەردىن ئېچىپ پايدىلىنىش، سۇ مەنبەسىگە ئاساسەن نوپۇس سانىنى پىلانلاش، سۇ مەنبەسىگە ئاساسەن كەسىپ جايلاشتۇرمىسىنى پىلانلاش» كېرەك. بۇ كونكرېت ئۇسۇللارنى تىلغا ئالغاندا، باش شۇجى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى تەبىئەت بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش جەريانىدۇر، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قارىسىغا ئىشلەشكە بولمايدۇ.»

«يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىشتىمۇ ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك.»

باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق تۇرمۇشىدىكى كىچىك ئىشلارنى چوڭقۇر كۆزىتىپ مۇنداق دېدى: «جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقى شۇنچە چوڭ تۇرسا، ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىشتە بىرلا ئەندىزە قوللانسا قانداق بولىدۇ؟ چۆللۈكلەردە ئاھالە كۆپ بولمىسا، ئۆلچەملىك ھاجەتخانا سېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ خەلق رايى قۇرۇلۇشىنى <خەلق نارازى بولىدىغان قۇرۇلۇش>قا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.»

ھەربىر سۆز ناھايىتى ۋەزىنلىك بولۇپ، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ رايون خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»، «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش»نى تەكىتلەشتىن شەھەر پىلانلاشتا «يول سىزىقىغا قاراپ ئىش كۆرۈش»، ئۆزگىچە «گېن»نى ساقلاپ قېلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇشۇ يىللاردا «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش»نىڭ مۇھىملىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، ھەرقايسى جايلارغا «<بىر ئاچقۇچ بىلەن بىر قۇلۇپنى ئېچىش> كېرەك، كېمىگە بەلگە سېلىپ خەنجەر ئىزدەشكە، بىر قېلىپنى ھەممە يەرگە قوللىنىشقا بولمايدۇ»، «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك» دەپ تاپىلىدى.

«شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش» دېگەن سۆز شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى «ۋۇيۆ چۇنچيۇ · خېلۈ تەزكىرىسى»دىن كەلگەن. يېقىندا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن بولغان سىچۇەن دۇجياڭيەنگە بارغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سۇ تىزگىنلەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت قەدىمىي ئەقىل-پاراسەتنى بايان قىلغاندا بۇ سۆزنى تىلغا ئالغانىدى.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سۇنى تىزگىنلەشكە ئوخشايدۇ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئەھۋالغا قاراپ يېتەكلەش كېرەك. 12 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش» تەكىتلەندى. «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنىڭ ماھىيىتى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتۇر. » بۇ قېتىمقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تېپىپ چىقتى.

ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەسىلىلەرنى ئويلىشى، تەدبىر بەلگىلىشى، ئىش بېجىرىشىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى.

شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە زىددىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، تاكتىكىنىڭ جانلىقلىقى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، ھەرگىزمۇ «ئۆزى بىلگەنچە يول تۇتۇش، تار مەھكىمىچىلىك قىلىش»قا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىلمەيدۇ. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ھەرقايسى رايونلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيتىدىكى ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، سۇبيېكتلىق فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.»

بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى. بۇ قېتىمقى يىغىندا «بېيجىڭ (بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېي)، شاڭخەي (چاڭجياڭ دېلتىسى)، گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ تەۋەلىك رايونىدا خەلقئارا پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش» ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇنىڭ پەن تەتقىقات ئەمەلىي كۈچى مول بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئامىلى توپلاشقان بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئۆلچەم خادىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. «بۇ بىر مۇھىم ۋەزىپە» دېدى باش شۇجى.

ئىقتىساد يولىدا، ھەم ئۆلچەم بويىچە ھەممىنى ئۆلچەپ تۇرۇش، ھەم تەبىئەتكە ماسلىشىپ، تۆت پەسىلگە ماسلىشىش كېرەك. «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئومۇملۇق بىلەن رايونلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىش تەقسىماتى بىلەن ھەمكارلىقنى ياخشى ئىگىلەپ، ئورۇن تالىشىش بىلەن كىرىشتۈرۈشنى ياخشى ماسلاشتۇرۇش كېرەك، «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش» جەھەتتىكى سەمىمىي تاپىلاشنىڭ ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم كۆرسىتىشىنى قارىتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ