
بولىۋىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئېدماندو لارا 12-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنداق دېدى: سابىق زۇڭتۇڭ لۇئىس ئارسې شۇ كۈنى مەزكۇر دۆلەتنىڭ پايتەختى لا پازدا قولغا ئېلىندى.
لارا 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئېلان قىلغان سىندا مۇنداق دېدى: تەپتىش ئورگانلىرى ئىمزا قويۇپ تارقاتقان تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئاساسەن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تارماقلىرى قارىمىقىدىكى جىنايەتكە زەربە بېرىش ئالاھىدە قىسىمى شۇ كۈنى ئارسېنى قولغا ئالدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئارسېنىڭ قولغا ئېلىنىشى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاشكارىلانغان يەرلىك ئاھالىلەر فوندى دېلوسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. كېيىنكى قەدەمدە، تەپتىش ئەمەلدارلىرى گۇرۇپپىسى ئارسېنى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك قاماپ قويۇشنى تەلەپ قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ