دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دۇنيا بويىچە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كۆپىيىشىنى ئاساسلىقى A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان

2025.12.12 15:16 مەنبە: خەلق تورى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلغان «پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتى» ناملىق دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: بۇ يىل 10-ئايدىن بۇيان، دۇنيا بويىچە تارقىلىشچان زۇكام كۆپەيگەن، پۈتۈن دۇنيادا تەكشۈرۈلگەن تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ كۆپ قىسمى A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئىكەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايوندا A تىپلىق H3N2 ئىككىلەمچى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تەكشۈرۈلگەن تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاشماقتا. ۋىرۇس گېن تەرتىپى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 8-ئايدىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتلەر تەكشۈرۈپ چىققان A تىپلىق H3N2 ئىككىلەمچى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ K ئىككىلەمچى تارمىقىنىڭ سانى ئاشقان بولۇپ، بۇ تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ كۆرۈنەرلىك تەدرىجىي تەرەققىي قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن نۆۋەتتىكى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى سانلىق مەلۇماتىدا ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنىڭ ئاشقانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ