
ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى بىرلەشمە مەسلىھەتچىلەر نازارەتچىلىك بۆلۈمىنىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ئاۋىياتسىيە قوغدىنىش ئەترىتى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى 10-چېسلا ياپون دېڭىزى ھاۋا بوشلۇقىدا بىرلەشمە مەشىق قىلغان، جەمئىي سەككىز ئايروپىلان قاتناشقان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئاۋىياتسىيە قوغدىنىش ئەترىتى F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىدىن ئۈچنى ۋە F-15 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىدىن ئۈچنى، ئامېرىكا ئارمىيەسى B-52 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاندىن ئىككىنى ئەۋەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ