شىنجاڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يېڭىلاندى!

2025.12.12 15:18 مەنبە: خەلق تورى

12 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شېنجېندىن ئالتايغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى رەسمىي ئاچتى، بۇ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېندىن ئىبارەت تۆت چوڭ بىرىنچى قاتاردىكى شەھەردىن «جۇڭگو قار ماكانى» ئالتايغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلغانلىقى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئالتايغا بېرىپ بەھۇزۇر ساياھەت قىلىشتىكى سەپەر ئۈنۈمىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ قېتىم جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئاچقان شېنجېندىن ئالتايغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە، ئايروبۇس A321NEO تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا تاللانغان بولۇپ، ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. كونكرېت نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتى ئېنىق ئېلان قىلىندى: بېرىش مۇساپىسىدىكى CZ5481 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 6:40 تا شېنجېن باۋئەن خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 13:00تە ئالتاي شۆدۇ ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدىكى CZ5482نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 14:00 تە ئالتاي شۆدۇ ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 19:10 دا شېنجېنغا قايتىدۇ، بۇ ئىككى جاينىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى دەل جايىدا تۇتاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ